Uyghur主要词典
ئىمارەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئىمارات. ئىمارەت؛ قۇرۇلۇش؛ بىنا:
ئىمارەتنى سۇ دەۋر ئېتىپ ئايلانىپ،
كېلىپ ناۋىدانغە نەچە تولغانىپ.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئولتۇرۇشقا تەييارلانغان ئۆي، قۇرۇلۇش.
بىنانىڭ ئېگىزلىكىنى ئۇلى بەلگىلەر. ئامېرىكىنىڭ بەش بۇرجەكلىك بىناسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ نامى بولۇپ قالغان، ئۇنىڭدا 23 مىڭ خادىم ئىشلەيدۇ، 15 مىڭ چىراغ، 7 مىڭ 748 دېرىزە، 280 خالىجاي بار ئىكەن. ئېگىز ئىمارەتنىڭ ئۇلى چوڭقۇر بولسۇن. قۇرۇ - جاي ئىسلاھاتى زۆرۈر ئىسلاھاتىلارنىڭ بىرى. قۇرۇ - جايىڭ كەڭرى بولسا، ئىشىڭ ئوڭغا تارتار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئولتۇرۇش، ئىشلەش ئۈچۈن مەخسۇس سېلىنغان قۇرۇلۇش، چوڭ ئۆي؛ بىنا.
ئىمارەت سالماق.