Uyghur主要词典
ئىمانسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنغا ئىشەنمەيدىغان ۋە دىنىي قائىدە - يوسۇنغا ئەمەل قىلمايدىغان شەخس.
ئىككى خۇداغا تەڭ ئىشەنگەن _ دىنسىز. دىنسىزنىڭ ئەدىبىنى ئىمانسىز بىرەر. گومىنداڭنىڭ ۋاقتىدا تەرەققىپەرۋەر كىشىلەر «دەھرى» دەپ قارىلاتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
<دىن> خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ياكى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، پەيغەمبەرنىڭ ھەقلىقىگە چىن پۈتمەيدىغان؛ كاپىر.
مۇشتتەك تۇرۇپ ئىمانسىز موماڭدىن دۇتار چېلىشنى ئۆگىنىپسەن تېخى.
ۋىجدانى يوق، ۋىجدانسىز، دىيانەتسىز.
ۋاڭ غوجامنىڭ تاغدىكى بۇ ئىمانسىزلارنى يوقىتىشقا قانچىلىك تەييارلىقى باركىن؟