Uyghur主要词典
ئىمام نەسىرىددىن مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چىرا ناھىيىسىدىكى 6 _ رايون 5_ يېزىدا. رىۋايەتلەردىن قارىغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىمام نەسىردىن، ئىمام ئىددىن، ئىمام مۇھىددىن، ئىمام قەۋامىدىن قاتارلىق كىشلەر بۇ يەرگە كېلىپ دىن تەبلىغ قىلغاندا بۇددىست چوقتى رەشىد بىلەن جەڭ قىلىپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ مەسچىت سېلىپ ھازا تۇتقان. مەسچىتكە قازان ئېسلغان بولۇپ، ئالتۇن قازان دېيىلگەن. شۇ چاغلاردا قاغىلىقنىڭ دىنىي داھىيسى مۇشۇ قازاننى قاينىتىپ يوقسۇللارغا ئاش بەرگەن. ھەر يىلى 8 _ ئايدىن 10 _ ئايغىچە 20 مىڭدىن 30 مىڭغىچە مۇسۇلمان مۇشۇ يەرگە كېلىپ تاۋاپ قىلىدۇ ھەمدە ئالتۇن قازانغا كالا، تۆگە، قوي قاتارلىقلارنى تەقدىم قىلىدۇ.