Uyghur←Chinese主要词典
ئېمال ماددىسى
بىئولوگىيە
釉质
yòuzhì
<ئېماللىق قەۋەت> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چىش تاجىنىڭ (چىش مىلىكىدىن چىقىپ تۇرىدىغان قىسمى)، چىش ماددىسىنىڭ سىرتىنى قاپلاپ تۇرىدىغان بىر قەۋەت قاتتىق ھەم سىلىق ماددا. رەڭگى ئاق ھەم پارقىراق، يېرىم سۈزۈك، زور مىقداردىكى نېئورگانىك تۇزلار (ئاساسەن كالتسىي تۇزلىرى) ۋە ئاز مىقداردىكى ئورگانىك ماددىلاردىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا ئالدى بىلەن نېئورگانىك تۇزلار بىلەن ئورگانىك ماددىلار چىش ئېمالى قىرلىق تۈۋرۈكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئاندىن كۆپلىگەن چىش ئېمالى قىرلىق تۈۋرۈكلىرى يېپىشتۇرغۇچى ماددىلار تەرىپىدىن بىرلەشتۈرۈلۈپ چىش ئېمالى شەكىللىنىدۇ. چىش ئېمالى چىشنىڭ چايناش فۇنكسىيىسىگە ماسلاشقان بولۇپ، سۈركىلىشكە بەرداشلىق بېرىش، چىشنى قوغداش ۋە زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلاش رولىغا ئىگە.
ئۇنىۋېرسال
ئېمال ماددىسى (چىشنىڭ)
珐琅质
fà láng zhìDتېببىي
釉质
yòu zhì