Uyghur主要词典
ئېلزاۋىتا پېتروۋنا
دۇنيا تارىخى
(1709 - 1762). روسىيەنىڭ ئايال پادىشاھى (1741 - 1762). پېتىر Ⅰ بىلەن يېكاتېرىنا Ⅰ نىڭ قىزى. ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىگە قاتنىشىپ، بالا كورۇل ئىۋان Ⅵ (1740 - 1764) نى تەختتىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۆزى كورۇل بولوۋالغان، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان نېمىس گۇرۇھىنى بىكار قىلىپ، شۇۋالۇۋ (1740 - 1761) نى بائىبلىققا تەيىنلىگەن. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، زوراغالىق مەھكىمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئوردا ئالىي يىغىنى تەسىس قىلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن؛ ئاقسۆڭەكلەر بانكىسى ئېچىپ، پومېشىچكلارنىڭ يانچىلارنى خالىغانچە ئېلىپ - سېتىشنى ۋە قوغلىۋېتىشىگە يول قويۇپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىنى كېڭەيتكەن. شەھەر مەمۇرىيىتى ئىدارلىرى، كان ئىشلىرى ۋە قول سانائەت ئىشخانىلىرى كومىتېتلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئىچكى چېگرا باجلىرىنى بىكار قىلىپ، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سودا - سانائەتكە يار - يۆلەك بولغان. دېھقانلار ھەرىكىتى ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى ۋەھشىيانە باستۇرغان. سىرتقا قارىتا، پرۇسسىيىگە قارشى يەتتە يىل ئۇرۇش قىلىپ (1756 - 1763) ھەربىي جەھەتتە غەلىبە قىلغان.