Uyghur←Chinese主要词典
ئېلۇئارد
دۇنيا تارىخى
艾吕雅
ài lǚ yǎ
فرانسىيەلىك ئىلغار شائىر.ئەسلى ئىسمى ئېئۇگېنې گرىندېل. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1917 - يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، دەسلەپ دېكادنېتلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، 30 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا رېئالىزمغا يۈزلەنگەن. 1936 - يىلى ئىسپانيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغاندا جۇمھۇرىيەتنى قوللاپ، فرانكوغا قارشى تۇرغان. ئىككىنچى دۇنيۇا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، <شېئىر ۋە ھەقىقەت>، <گېرمانىيىلىك بىلەن روبىرو تۇرغاندا> قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، خەلقنىڭ فاشىست گېرمانىيىسىگە قارشى تۇرۇشىغا ئىلھام بەرگەن. 1942 - يىلى فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان ھەمدە مەملىكەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرىي ئەزاسى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن تىنچلىق ھەرىكەتلىرىگە ئاتلانغان. 1951 - يىلى پىكاسسو بىلەن <تىنچلىقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىزناسى> ناملىق ئەسەرلەر توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا <سىياسىي لىرىكىلار توپلىمى>، <ئەخلاقنىڭ ساۋاقلىرى> قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى بار.