Uyghur主要词典
ئىلتىماس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەت توغرىسىدىكى تەلەپ، تىلەك، ئۆتۈنچ. <ئىلتىجا> يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ تىلىمەك.
باشلىقنىڭ ئىلتىماسىمۇ بۇيرۇق. خاھ پەريات قىلسىنۇ، خاھ ئىلتىجا، قاراقچى ئالغىنىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ ئەسلا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تەلەپ، ئۆتۈنۈش.
بۇيرۇق، ئەمر، پەرمان، يارلىق
ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئىجرا قىلىش شەرت بولغان يوليورۇقى، قارارى، تاپشۇرۇقى.
باشلىقنىڭ ئىلتىماسىمۇ بۇيرۇق. بۇيرۇق چۈشتى - ئىش پۈتتى. خاننىڭ ئەمرىدىن خوتۇننىڭ بۇيرۇقى كۈچلۈك. ئەدەبتىن ئەمىر ئەلا. بارنىڭ ئىشى پەرمان بىلەن، يوقنىڭ ئىشى ئارمان بىلەن. يارلىق چۈشسە يەردە قالماپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر مۇددىئانى قاندۇرۇش، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان يازما ۋە ئاغزاكى مۇراجىئەت، تەلەپ.
ئىلتىماس قىلماق. ئىلتىماس يازماق.