Uyghur主要词典
ئىلىم
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىلىم، بىلىم، مەلۇمات، ئىلمۇليەقىن - ھەر نەرسىنىڭ ماھىيىتى ۋە كەيپىياتىنى بىلىش، ئېچىش؛ ئىلمىي تەجۋىد - قۇرئاننى ئۆز قائىدىسىگە توغرىلاپ ئوقۇش، فونېتىكا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنسانلار تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئېرىشكەن بىلىش ۋە تەجرىبە.
بىلىم _كۈچ. بىلىم _ خورىماس بايلىق. بىلىم _ ئەقىلنىڭ چىرىغى. ئەقىلغە ئىلىم بىلەن بەرگىن ياردەم، ئەقىل بۇ ئىلمگە خېرىداردۇ ھەر دەم. پەندە تۈپتۈز يول يوق. پەن ھەربىر كىشىدىن جىددىي ئىشلەشنى ۋە يۇقىرى قىزغىنلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» قۇتىدىغا بىلىم دېمەكتۇر. مەلۇمات كىشىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدۇ. مۇھەببەتنى ساۋات بىلەن ئۆلچىگىلى بولماس، ساۋات _ ئىلىم ئاساسى، ئىلىم _ ھايات كۆزى، ھايات تەلەپ قىلساڭ بۇ ساۋات ئۆزى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشىنىڭ ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە ياشاش، تەبىئەتنى بىلىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا توپلانغان، ئارتىپ بارغان بىلىمى؛ مەلۇمات، ساۋات.
ئىلىم ئالماق. ئىلىم بەرمەك. ئىلىمگە بېرىلمەك. ئىلىم تەھسىل قىلماق.