Uyghur主要词典
ئېلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۈت ئەمگۈزگۈچىلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان، تاغۇتاش، دەشتۇ باياۋانلاردا يۈرىدىغان ئاچا تۇياق ھايۋانلار.
كېيىك سۇ ئىچكەن يەردىن پاقىمۇ سۇ ئىچەر. جەرەن جەزىلەرنىڭ ئىگىسى ۋە زىننىتى. قارا قۇيرۇق ئوۋلاشقا قاۋۇل يىگىت كېرەك. تاغلاردا ئېلىك، يايلاقتا قوي، بىر يەردە يىغا، بىر يەردە توي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
بۇغىنىڭ بىر خىلى. قۇلىقى بلەن كۆزى چوڭ، بوينى ئۇزۇن، قۇيرۇقى قىسقا، ئارقا پۇتى ئالدى پۇتىدىن ئۇزۇن، قىشلىق تۈكى بېغىر رەڭ قوڭۇر، يازلىق تۈكى قىزغۇچ بولىدۇ. ساغرىسى ئاقۇچ كۈل رەڭ كېلىدۇ، ئەركىكىنىڭ مۈڭگۈزى بولىدۇ، يېشىل چۆپ، مېۋە ھەم موگۇلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.