Uyghur主要词典
ئىلىك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قول.
ئىلىك.
ئۆزلۈك، شەخسىيەت.
ياخشى ئەمەل.
بۇيرۇق.
بىسات. 7. ئىختىيار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ۋاقىتىنىڭ باشلىنىش رېتى.
ئەرزان بەرگەن ئاۋۋال ساتار. ئاۋۋال ئويلا، كېيىن سۆزلە. ئالدى بىلەن ئېتىڭنى تاقىلا، ئاندىن يول ياقىلا. ئاتا - ئانىنى خارلىغان ئىلگىرى باسماس. بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن، كېيىن چىققان مۈڭگۈز يامان. بالدۇر بولسۇن، كېيىن بولسۇن. گۆش بىلەن پىچاق دوست بولسۇن. ھەر ئىشنىڭ مۇقەددىمىسى بار. ھەقامساينىڭ قىزىنى كۆرۈڭ، دەسلىپىدە بەردى كۆڭۈل، ئاخىرىدا نازىنى كۆرۈڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ يەلكىسىدىن بارماقلىرىغا كەلگۈچە بولغان ئەزاسى.
قولىدا بار. قولىدا يوق. قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق. بەش قول تەڭ ئەمەس. قول - تەبىئەتنىڭ ھۆكۈمرانى. قولدىكى تەر ئالتۇن ئۈزۈكتىنمۇ ئەزىز. قول قولنى تونۇيدۇ. مەن سېنىڭ ئىلكىڭدە، كۈلدۈرسەڭمۇ مەيلى، يىغلاتساڭمۇ مەيلى. قول - ئىلكىدە بار. قول - ئىلكىدە يوق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىلگىرى، ئاۋال، بۇرۇن.
ئىلىك سەن باغىل _ ئاۋال سەن بارغىن.
1 - 60
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىلىك.
باشقا تۈرك خەلقلىرى « يىلىك» دەيدۇ. ئوغۇزچىدىكى «ا - ئېلىف» ھەرپى «ى - يا» دىن ئۆزگەرگەن.
ئوغۇزىچە
1 - 99
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ قوللىنىلغان ئۇزۇنلۇق بىرلىكى. تۈركچە <ئوكيانۇس> تا: <بىر ئىلىك 1.296 سانتمېترغا تەڭ> دېيىلگەن.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قول
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<ئىلىگ> كە قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قولنىڭ بېغىشىدىن ئۇچىغىچە بولغان قىسمى، قول.
قولنىڭ ھەربىر پەنجىسى.
تۆت ئىلىك تاختاي. ئىككى ئىلىك خەت.
ئىختىيارلىق، كونتروللۇق.
دۆلەت ئىلكىگە ئۆتمەك. ئىلكىگە ئېلىۋالماق.