Uyghur主要词典
ئىلھام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىلھام، روھىي سەزگۈ، ئىنتىلىش:
تاپىپ مۇژدە ئىلھام ھاتىف بولۇپ،
كى دىلدارىدىن ئاندا ۋاقىف بولۇپ.
ئا. نىزارى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
تۈرلۈك ئىلمىي پائالىيەتلەر جەريانىدا ئاپتور ئىدىيىسىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىشىشى، ئاپتور كەيپىياتىنىڭ يۇقىر ئۆرلىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەيئىلەرنىڭ قوزغىتىشى بىلەن پەيدا بولغان ئىجاد قابىليىتى .
تارىختىن بۇيان ئىلھام مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار بولۇپ كەلدى. ئىدېئالىزىمچىلار ئىلھامنى بىرخىل سىرلىق روھىي ھالەت دەيدۇ. بىز بۇ مەسىلىدە مۇنداق كۆز قاراشتا، يەنى:
1. ئىلھام بولسا تەپەككۇر جەريانىدىكى بىرخىل ھادىسە. بارلىق تەپەككۇر ھادىسىلىرىگە ئوخشاش، ئۇمۇ ئوبيېتىپ رېئاللىقنىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى بىر خىل ئىنكاسى. 2. ئىلھام بولسا، ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى .قېتىرقىنىپ ئەمگەك قىلىش پۇزىستىيىسى تۇرغۇزۇش، باي تۇرمۇش جۇغلانمىسىغا ئىگە بولۇش ئىلھامىغا ئېرىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. 3. ئىلھام ئىدىيىۋى كەيپىيات يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن تەپەككۇر بولغاندىلا تۇنۇشتا بۈشۈش پەيدا قىلغىلى بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىزىقىش روھىي ھالىتى، ئىجادىي قىزغىنلىق روھى.
ئىلھام ئەمگەك قىلغاندىلا قوزغىلىدىكەن. ئىلھام قەيسەرلىك بىلەن ئەمگەك قىلغاننىڭ مۇكاپاتى. ئىلھام ھورۇنلارنى يوقلاشنى خالىمايدىغان مېھمان. ياشلاردا ئۆگىنىشكە رىغبەت بولۇشى لازىم. رىغبەت بولسا، نى - نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كۆتۈرەڭگۈ ئىجادىي روھ، ئىجادىي غەيرەت ۋە زوق جۇش ئۇرغان ھالەت.
ئىلھام بەرمەك. ئىلھام بىلەن ئىشلىمەك.
<ئەد> ئىجادىي پائالىيەت جەريانىدا ئاپتور ئىدىيىسىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىشىشى، كەيپىياتنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەيئى، ھادىسىلەرنىڭ قوزغىتىشى بىلەن پەيدا بولغان ئىجادىي قابىلىيەت.
ئىلھام بىلەن يېزىلغان شېئىر. شائىرنىڭ ئىلھامى كەلمەك.
مەدەت، رىغبەت؛ زوق.
لۇتپۇللا ئۇنىڭ چىداملىق، كەمتەر روھىدىن، قىزغىن مۇئامىلە ۋە ياردىمىدىن يېڭى پىكىر، يېڭى ئىلھام ئېلىپ قايتىپ كېلەتتى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
بىشارەت، ھېس - تۇيغۇ
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
رۇھلىنىش، جۇش ئۇرۇش؛ ئىنتىلىش، ھاياتنى سۆيۈش.