Uyghur主要词典
ئىلغىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە نەرسىلەردىن ياخشى - ياماننى ئايرىپ چىقماق.
چىراي تاللىما، مىجەز تاللا. قېرىنداشنى تاللىغىلى بولمايدۇ، دوستنى تاللاشقا بولىدۇ. قۇش شاخنى تاللاپ قونىدۇ، شاخ قۇشنى تاللىيالمايدۇ. ياخشىنى ئىلغا، يامىنىنى تاشلا. ياخشىنى سايلا، ياماندىن يالتاي. ئۇرۇق پارلاش _ ھوسۇلغا يانداش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تاللىماق، خىللىماق؛
غىزا ئىلغىماق.
پەرق ئەتمەك، پەرق قىلماق، پەرقلەندۈرمەك.
تاڭ يورۇپ، ئاق - قارىنى ئىلغىغۇدەك بولغان ھامان ئەجەل ئوقلىرى شۇنداق يېغىشقا باشلىدى.