Uyghur主要词典
ئىلغار
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئالدىنقى؛ ئالدىنقى سەپتىكى؛ ئالدىدا بارغۇچى ئەسكەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتتە ئالدىدا يۈرگۈچى.
<ئىلغار> سەۋىيىسى يۇقىرى، ئۈلگە بولغۇچىغا قارىتىلىدۇ.
<مۇنەۋۋەر> ئەخلاق ۋە بىلىمدە ياخشى بولغان كىشىگە قارىتىلىدۇ.
بىر تال گۈل بىلەن باھار بولمايدۇ، بىرلا ئادەم ئىلغار بولسا، ھامان يالغۇزلۇق قىلىپ قالىدۇ. مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا ياشلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇكاپاتلاندى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، سەۋىيىسى يۇقىرى. ئىلغار ئىشچى، مۇنەۋۋەر كادىر
قالاق، ئارقىدا قالغان
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئارقىسىدا قالىدىغان، سەۋىيىسى تۆۋەن. قالاق ئىشچى، قالاق كادىر
ئىلغارلار قالاقلارغا ياردەم بېرىشى كېرەك. قالاق ئىدىيىدىن ئىلغار ئىش چىقمايدۇ. قالاق يېزا ئىگىلىك مەملىكىتىنى ئىلغار سانائەت مەملىكىتىگە ئايلاندۇرىمىز. مۇنەۋۋەر كادىرلار ھەممىگە ئۈلگە بولۇشى لازىم. ئارقىدا قالغانلار ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىشى ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈپ كېتىشكە تىرىشىشى لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىرەر ئىش - ھەرىكەت، پائالىيەتتە باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان، باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان، ئاۋانگارت.
ئىلغار خىزمەتچى. ئىلغار كادىر. ئىلغار شەخس. ئىلغار قوشۇن. ئىلغارلاردىن ئۆگەنمەك.
ئىشلىتىلىشى، رولى ۋە ئىقتىدارى جەھەتتە زامانغا لايىق ياكى زاماننىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان؛ زامانىۋى.
ئىلغار تېخنىكا. ئىلغار تەجرىبە. ئىلغار ماشىنا. ئىلغار تىپ. ئىلغار پەن - تېخنىكا.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
تېز يۈرەر، زەربىدار، ئالدىن يۈرەر، ئالدىدا ماڭغۇچى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئاتنىڭ تۆت پۇتلاپ شامالدەك چېپىشى؛ ئالغا ئېتىلىش، ھۇجۇم.