Uyghur主要词典
ئىلەردى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىلىندى، ئىلەشتى.
مەنىڭ كۆزۈمە نەڭ ئىلەردى _ مېنىڭ كۆزۈمگە بىر نەرسە ئىلەشتى، قاراڭغۇدا ياكى يىراقتا مېنىڭ كۆزۈمگە بىر نەرسە غۇۋا كۆرۈندى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قاقلار قامۇغ كۆلەردى
تاغلار باشى ئىلەردى
ئاژۇن تىنى يىلىردى
تۈتۈ چەچەك چەركەشۈر
{قاقاسلىقلار پۈتۈنلەي كۆلگە ئايلاندى،
تاغلارنىڭ بېشى (كۆزگە) ئىلىندى،
دۇنيانىڭ تىنىقى ئىلىدى،
تۈرلۈك چېچەكلەر تىزىلدى.}
سۇلار كۆپىيىپ، ئويمانلىقلار كۆللەرگە ئايلاندى، تاغلارنىڭ چوققىلىرى غۇۋا كۆرۈندى، دۇنيانىڭ تىنىقى ئىلىدى، دەرەخلەر كۆكەردى، جانىۋارلار جۈپلەشتى. گۈل - چېچەكلەر كەينى - كەينىدىن بىخ ئۇردى.
1 - 24