Uyghur主要词典
ئىلاھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خۇدا، ئاللا، تەڭرى:
قاچان ۋابەستە ئولغۇم رىشتەئى ئىشقىڭغە ئۆزلۈكدىن،
ماڭا لېكىن ئەسىر ئولماق چۇ تەقدىرى ئىلاھىمدۇر.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خۇدا، تەڭرىنىڭ، تەڭرىگە خاس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە، دۇنيانى ياراتقان ۋە ئۇنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان زات، ئىسلام دىنىدا ئىلاھ.
خۇدا قارغۇغا قانداق قارىسا، قارىغۇمۇ خۇداغا شۇنداق قارايدۇ.ئاللانىڭ ئالقنىدىكىدىن باشقىنى سورىما. ئاللاتائالا تۈلكىگە ئارسلاننىڭ ھەيۋىسىنى بەرمىگەي. با رەببى، ئۆز پاناھىڭدا ساقلا. رەببانا بەرمىگەننى موللا نەدىن بىرەر. ئىلاھا، تازغا تىرناق بەرمىگەيسەن. تەڭرى گۆشنى چىشى يوققا بىرەر. تەلۋە ئات مىنسە تەڭرىنى ئۇنتار. ياخشىلىق قىل، بالىق بىلمىسە، خالىق بىلەر. ھەقتائالا بەرمىگەننى باي بەرمەس. ياراتقان ئىگەم، مەن ساڭا دوست، كەلگەن بالانى توس. ياراتقان ئىگەم يار بولسا، يەر يۈزى ياۋ بولسىمۇ مەيلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي تەسەۋۋۇر بويىچە، دۇنيانى ياراتقۇچى ۋە باشقۇرغۇچى دەپ ئىبادەت قىلىنىدىغان مەخلۇق.
كۆزى ئىتتىك مۇھەببەت ئىلاھى ئاشىقنىڭ قەلبىگە توغرا كىرەلەيدۇ. مەبۇتنى كىشىلەر ياراتقان ۋە كىشىلەر يوق قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
پەلسەپە
دىن ۋە ئەپسانىلەردە ماددىي دۇنيانىڭ تەبىئەتتىن تاشقىرى تۇرىدىغان، ئادەملىك سۈپەتكە ۋە ئاڭغا ئىگە بولغان ئىگىسى دەپ قارىلىدىغان مەۋجۇتلۇق - خۇدا، تەڭرى، ئىلاھقا ئېتىقاد قىلىش ۋە چوقۇنۇش ھەممە دىننىڭ يادروسى ھېسابلىنىدۇ.