Uyghur主要词典
ئېكۋاتور تاختىسى
بىئولوگىيە
ھۈجەيرىنىڭ يىپلىق بۆلۈنۈشىنىڭ ئوتتۇرا دەۋرىدە خروموسومىلار ئۇرچۇقسىمان تەنچىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ئېكۋاتور يۈزىگە تىزىلىپ ئېكۋاتور تاختىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. يىپلىق بۆلۈنۈش كېيىنكى دەۋرىگە كىرگەندە ھەر بىر خروموسومىنىڭ يىپلىنىش دانىچىسى بۆلۈنىدۇ، خروموسومىدىن ئىككى دانە خروماتىد ھاسىل بولىدۇ ھەمدە ھەر قايسى بىر قۇتۇپقا قاراپ سۈرۈلىدۇ - دە، ئېكۋاتور تاختىسى مەۋجۇت بولمايدۇ.