Uyghur主要词典
ئىكتا
دۇنيا تارىخى
ئەرەبچىدىكى Ikta نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەرەب ئىمپېرىيىسى مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارغا كىرىم مەنبەسى قىلىش ئۈچۈن ئىنئام قىلغان يەر. دەسلىپىدە مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئۇمەييە سۇلالىسى دەۋرىدە مەيدانغا كېلىپ، Ⅹ ئەسىرگە كەلگەندە ئەۋج ئالغان. قوبۇل قىلغۇچ مۇكتا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار دېھقانلارىدن يەر بېجى (خىراج) ۋە باشقا باج - سېلىقلارنى ئېلىشىغا ھوقۇقلۇق بولسىمۇ، لېكىن يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى يوق. ئىكتا كۆلىمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ. ۋاقتىغىمۇ چەك قويۇلغان. Ⅸ ئەسىردىن باشلاپ خەلىپە باش ۋالىيلارغا تەقدىم قىلغان يەرلەرمۇ ئىكتا دەپ ئاتالغان. فېئودالىزمنىڭ تەرەققىياتى ۋە فېئوداللىق ئەمەلنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىكتامۇ ئەمەلىيەتتە، ۋارىسلىق قىلىنىشقا، خۇسۇسىي ئىگىدارلىققا ئۆزگەرگەن. سالجۇقلار ئىمپېرىيىسى ۋە موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە، ئىكتا تۈزۈمى داۋملىق ساقلىنىپ كەلگەن. بۇ تۈزۈم ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىگىمۇ تارقالغان.