Uyghur主要词典
ئېكسپوزىتسىيە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسەرنىڭ ئاساسىي قىسمنىڭ ئالدىدا شۇ ئەسەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن دېرەك بېرىدىغان قىسمى.
«پرولوگ»، «دىباچە» لەر ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپرەك قوللىنىلىدۇ.
«مۇقەددىمە» باشقا ئىش - ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
«كىرىش» نى ياخشى يېزىش بىر ئەسەر ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. «بۆرە ئۇۋىسىدىكى بايلىق» نىڭ سۆز بېشى قىسقىلا، ئەمما پۈتۈن ئەسەرنىڭ نەدىن باشلىنىپ، نەدە تۈگەيدىغانلىقىنى كۆرستىپ بەرگەن. كىتابنىڭ مەزمۇنى مۇقەددىمىسىدىن مەلۇم. مەغرۇرلۇق - پۇتلىششىنىڭ مۇقەددىمىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
>ئەد< ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ سۇژىت باشلانغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى كىرىش قىسمى، يەنى ئەسەر قاتناشقۇچىلىرى خاراكتېرىنىڭ شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان ئىجتىمائىي مۇھىت، تۇرمۇش شارائىتى، ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ۋە راۋاجلانغان تارىخىي شەرت - شارائىت قاتارلىقلارنىڭ تەسۋىرلىنىشى، ئېكسپوزىتسىيە شۇ ئەسەردىكى ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا بۋاسىتە تەسىر قىلالماسلىقى بىلەن سۇژىت تۈگۈنىدىن پەرق قىلىدۇ.
>فىز< نۇر سەزگۈچى ماتېرىيالنىڭ نۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش جەريانى.