Uyghur主要词典
ئىكرام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىززەت، ھۆرمەت، ئىكرام، ئىلتىپات:
كۆرۈپ شاھ ئەيلەپ كۆپ ئىكراملار،
قىلىپ لۇتف - ئېھسان ئىنئاملار.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھۆرمەتلىك، ئۇلۇغلىماق؛ ئۆزىنى گۇناھ ۋە ئەيىبدىن ساقلىماق، پاك تۇتماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. ھۆرمەت، ئىززەت، ئىززەت - ھۆرمەت.
نىيىتىڭ بولدىمۇ ھالال يا ھارام، كۆڭلۈڭدە ھۆكۈمران قايسى مۇددىئا، كىملەرگە بىلدۈردۈڭ ئىززەت ۋە ئىكرام، ۋە قايسى روھلارغا ئەيلىدىڭ دۇئا.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئىكرامجان
ھۆرمەت
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
ئىززەت، ئېھتىرام، ئابرۇي، مەرتىۋە ياكى سوۋغا، تۆھپە. باشقا شەكىللىرى: ئىكرامجان، ئىكرامخان.