Uyghur←Chinese主要词典
ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق
بىئولوگىيە
生态平衡
shēngtàipínghéng
<تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىر ئېكولوگىيىلىك سىستېما تەرەققىي قىلىپ يېتىلىپ تۇراقلىشىش باسقۇچىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى، ئىستېمال قىلغۇچىلىرى، پارچىلىغۇچىلىرى ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ، نىسپىي تۇراقلىق بولغان بىر تەڭپۇڭ ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئېكولوگىيىلىك سىستېمىغا كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان ماددا ۋە ئېنېرگىيە ئوتتۇرىسىدا نىسبەتەن ئۇزۇن ۋاقىتلىق نىسپىي تۇراقلىق ساقلىنىدۇ. مانا بۇ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ مەلۇم بىر تەركىبىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، بىر قاتار زەنجىرسىمان رېئاكسىيىلەر كېلىپ چىقىپ، ئېكولوگىيىلىك سىستېما بۇزۇلۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، مەلۇم بىر رايوندىكى كېۋەز پىتى تەبىئىي ئەھۋال ئاستىدا خانقىز، ئالتۇنكۆز ھەرە، پىت پارازىت ھەرىسى قاتارلىق كۈشەندىلەرنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچراپ، تۈر توپىنىڭ مىقدارى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدە ساقلىنىدىغانلىقتىن، كېۋەزنىڭ مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورىلار ئۇزۇن مەزگىل مۇۋاپىق ئىشلىتىلمىسە، كېۋەزز پىتىدە دورىغا قارشى تۇرشچانلىق ھاسىل بولىدۇ، كېۋەز پىتىنىڭ كۈشەندىلىرى كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كېۋەز پىتى بىلەن ئۇنىڭ كۈنشەندىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، كېۋەز پىتىنىڭ ئەشەددىيلىشىشى بىلەن كېۋەزنىڭ مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
shēng tài píng héng
生态平衡
تەبىئىي جۇغراپىيە,ئېلېكترون، ئۇچۇر,يېزا ئىگىلىك,ئۇنىۋېرسال,دېھقانچىلىق
生态平衡
shēng tài píng héng