Uyghur主要词典
ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسى
پسىخولوگىيە
سىگنال ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىنى ئەكس ئېتىش فورمىسى. شەرتلىك رېفلېكس بىر خىل سىگنال پائالىيىتى، شەرتلىك رېفلېكس سىستېمىسى يەنە سىگنال سىستېمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. غىدىقلىغۇچىلارنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسلانغاندا، بارلىق سىگناللار ئىككى خىل بولىدۇ: بىرىنچى خىلى، رېئال كونكرېت تۈرتكىلەر، مەسىلەن: ئاۋاز، رەڭ، فورما (شەكىل)، پۇراق قاتارلىقلار شەرتسىز غىدىقلىغۇچىنىڭ بىۋاسىتە، كونكرېت سىگناللىرى بولۇپ، بىرىنچى سىگنال دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچى خىلى، شەرتلىك غىدىقلىغۇچىنىڭ ئابستركتسىيىلەنگەن، ئومۇملاشتۇرۇلغان سۆز، تىل بولۇپ، بىرىنچى سىگنال رولىنى ئوينايدىغان بىرىنچى سىگنالنىڭ سىگنالى. بۇ ئىككىنچى سىگنال دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل سىگنال مەۋجۇت بولغانلىقتىن، ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسى بار. كونكرېت تەسىر قوزغىغان شەرتلىك رېفلېكس بىرىنچى سىگنال سىستېمىسىغا مەنسۈپ؛ سۆز، تىل قوزغىغان شەرتلىك رېفلېكس ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسىغا مەنسۈپ. ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسى تەلىماتى رۇسسىيە فىزىئولوگى پاۋلوۋنىڭ ئالىي نېرۋا پائالىيىتى تەلىماتىنىڭ ئەڭ ئالىي جەۋھىرى. ئۇ چوڭ مېڭە يېرىم شارلىرىنىڭ تۈپ، ئەڭ ئومۇمىي پائالىيىتى، يەنى سىگنال خاراكتېرلىك پائالىيىتىنى ئىلمىي يوسۇندا ئىسپاتلاپ بەردى. پاۋلوۋ مۇنداق يازدى:« ھايۋانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، رېئاللىق ئورگانىزمنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى، ئاڭلاش سەزگۈسى ۋە باشقا ئانالىزاتورلارنىڭ خاس ھۈجەيرىلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ. بۇ تەسىرلەر چوڭ مېڭىدىكى يېرىم شارلاردا ئىز قالدۇرۇش بىلەن سىگناللىق رول پەيدا بولىدۇ. بىز ئاڭلىغان سۆز ۋە كۆرگەنلىرىمىزدىن باشقا، ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت ئىچىدىن - ئومۇمەن تەبىئىي مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتتىن ھاسىل قىلغان تەسىر، سەزگۈ ۋە تەسەۋۋۇر قاتارلىقلار. بىز ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارغا ئورتاق رېئاللىق بولۇپ، 1 - سىگنال سىستېمىسىدۇر. لېكىن سۆز بىزگە خاس بولغان 2 - سىگنال سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ بولسا سىگنالنىڭ سىگنالى».
ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسى پائالىيىتى ئۆز ئارا يېقىن باغلىنىشلىق. ھەمدە ئۇنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇزىتىش جەريانى بار. 2 - سىگنال سىستېمىسى 1 - سىگنال سىستېمىسى ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ، لېكىن 1 - سىگنال سىستېمىسىنى ئىدارە قىلىدۇ. ئۇ گېنىئالوگىيىلىك تەرەققىياتتا ئەڭ كېچىكىپ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئادەمنىڭ پائالىيىتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تەڭشەپ تۇرىدۇ، ئادەمنىڭ تاشقى پائالىيىتىنى تەڭشەپلا قالماي، ئىچكى قىسىمدىكى پائالىيەتلىرىگىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەمنىڭ نورمال پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى 2 - سىگنال سىستېمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسىنىڭ ئۆز ئارا تەڭشەپ تۇرۇشنىڭ نەتىجىسى.