Uyghur←Chinese主要词典
ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش سېزىمى
بىئولوگىيە
双眼视觉
shuāngyǎnshìjué
ئىككى كۆزنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بىر جىسىمغا نەزەر سالغان ۋاقىتتىكى كۆرۈش سېزىمى. ئادەم ۋە پرىماتلارنىڭ ئىككى كۆزى بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، زور كۆپ قىسىم كۆرۈش دائىرىسى قاتمۇ قات تەكرارلىنىدۇ. ئوڭ - سول كۆزلەر ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئوخشاش بىر جىسىمنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندىلا ئاندىن ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش سېزىمى فۇنكسىيىسى بولىدۇ. بەزى ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ مەسىلەن، توشقاننىڭ ئىككى كۆزى باش قىسمىنىڭ ئىككى يېنىدا بولۇپ، ئوڭ كۆزى پەقەت باشنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىلا يورۇقلۇقنىڭ غىدىقلىشىنى، سول كۆزى باشنىڭ سول تەرىپىدىكى يورۇقلۇقنىڭ غىدىقلىشىنى سېزىدۇ، بۇنداق ھايۋانلاردا پەقەت بىر كۆزنىڭ كۆرۈش سېزىمىلا بولىدۇ. بىر كۆزنىڭ كۆرۈش سېزىمى جىسىمنىڭ پەقەت تەكشى يۈزىنىلا كۆرەلەيدۇ، ستېرېئولۇق سەزگۈ بولمايدۇ. ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش سېزىمى بولسا، بىر كۆزنىڭ كۆرۈش ۋاقتىدىكى قارىغۇ نۇقتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ قالماستىن، بەلكى تەكشىلىكتىكى كۆرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ چوڭقۇرلۇق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ستېرېئولۇق كۆرۈش سېزىمىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش سېزىمىدە كۆز سىرتقى مۇسكۇلىنىڭ ماس ھەرىكىتى بىلەن ئىككى كۆز بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بىر جىسىمغا نەزەر سېلىپ جىسىمنىڭ شەكلىنى كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ مۇۋاپىق نۇقتىسىغا چۈشۈرىدۇ، ئاندىن ئايرىم ھالدا ئىككى ياندىكى كۆرۈش نېرۋىلىرى ئارقىلىق پوستلاق قەۋەتتىكى كۆرۈش مەركىزىنىڭ ئوخشاش بىر رايونغا يەتكۈزىدۇ ھەم بىر جىسىم قىلىپ بىرلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى كۆز كۆرۈش سېزىمىدە جىسىمنىڭ تەكشى يۈزىنى، يەنى ئېگىزلىكى بىلەن كەڭلىكىنى كۆرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جىسىمنىڭ قېلىنلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. سول كۆز جىسىمنىڭ سول تەرىپىنى كۆپرەك كۆرىدۇ، ئوڭ كۆزى ئوڭ تەرىپىنى كۆپرەك كۆرىدۇ، شۇڭا كۆرۈش پەردىسىدە شەكىللەنگەن تەسۋىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئوخشاش بولمايدۇ، لېكىن مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن مەركەزنىڭ ئومۇملاشتۇرۇشى ئارقىلىق ماس نۇقتىنىڭ يېنىدا مۇكەممەل ستېرېئولوق كۆرۈش سېزىمى شەكىللىنىدۇ.
تېببىي
双眼视觉
shuāng yǎn shì jué