Uyghur主要词典
ئىككى ياقلىمىلىق سودا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىككى تەرەپ ئالغۇچى ۋە ساتقۇچى بولغان سودا كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ شەرىئەتنىڭ تەھرىم رىبانى ئەگىپ ئۆتۈش ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسلىي مۇسۇلمانلارنىڭ سودا - سېتىق ئادىتى ئىدى. كېيىن شەرىئەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق بولىدۇ: ئا تەرەپ كېلىشكەن باھا بويىچە ب تەرەپتىن تاۋارنى سېتىۋېلىپ نەق مەيداندا پۇلىنى بېرىدۇ. ب تەرەپ ساتقان تاۋانى پۈتۈن بويىچە تېخىمۇ يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ، بەلگىلەنگەن مۇددەتتە پۇلىنى بېرىدۇ. باھانى پەرقى ئا تەرەپكە بېرىلگەن قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمى بولىدۇ. بۇنداق سودا - سېتىق نورمال سودا ھېسابلىنىپ، جازانە، ئۆسۈم يېيىشنى مەنئى قىلىش پرىنسىپىغا خىلاپ بولمايدۇ.