Uyghur主要词典
ئىكېدا ماياتو
دۇنيا تارىخى
(1899 - 1965) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1960 - 1965). خىروسىما ناھىيىسىدە پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. باش باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مالىيە ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەمەلدارى بولغان. 1649 - يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. قوشۇمچە سودا - سانائەت ۋەزىرى بولغان؛ تۆتىنچى نۆۋەتلىك يوشىدا كابىنتېدا سودا - سانائەت ۋەزىرى بولۇپ، يوشىدا شىگېرونىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولغان. يەنە ئىشىباشى كابىنېتى ۋە كىشىنوبو كابىنېتىدا مالىيە ۋەزىرى، سودا - سانائەت ۋەزىرى بولغان. 1955 - يىلى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باش ھۆكۈمدارى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ قېتىم كابىنېت تەشكىل قىلىپ <مىللىي دارامەتنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش پىلانى> نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، <يۈكسەك دەرىجىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن> ئىقتىسادىي سىياسەتنى يۈرگۈزگەن. <مالىيەنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش> دېگەن ئەسىرى بار.