Uyghur←Chinese主要词典
ئىكېدايا ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
池田屋事件
chí tián wū shì jiàn
ياپونىيە توكۇگاۋا شوگوناتى دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا، شوگوناتلىقتىكى سەرگەردان سامۇرايلار گۇرۇھىنىڭ تىننونى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قاقىدىغان زاتلارنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسى. 1863 - يىل 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى (مىلادى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى) سىياسىي ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، جايلاردىكى ئىرادىلىك كىشىەر كيوتوغا ئارقا - ئارقىدىن يوشۇرۇن كىرىپ، ماتسۇدا - ئىراكاتامورى قاتارلىقلارنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتكەن. 1864 - يىل 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چىگولۇق مىيابې تېزۇ، چوشولۇق يوشىدا مىنورومارۇ، توسالىق كىتاسوئى تاداشى مارو قاتارلىق 30 نەچچە زات كيوتو ئۈچۈ كۆۋرۈك يېنىدىكى ئىكېدايا مىھمانخانىسىدا يىغىن ئېچىۋاتقاندا، شوگونات يېڭىدىن تەشكىللىگەن 50 كىشىنى ۋە ئائىزۇ، كۇۋانا ۋاسساللىقلىرىنىڭ لەشكەرلىرىنى ئەۋەتىپ باستۇرغان. كەسكىن جەڭ قىلىش نەتىجىسىدە مىيايې قاتارلىق توققۇز كىشى ئۆلتۈرۈلگەن، تۆت كىشى يارىلانغان، بەش كىشى قولغا ئېلىنغان، مۇشۇ ۋەقە سەۋەەبىدىن چوشۇ ۋاسساللىقى كيوتوغا لەشكەر تارتىشنى قارار قىلىپ، ئوردا دەرۋازىسى ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.