Uyghur←Chinese主要词典
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نىزامى
دۇنيا تارىخى
社会保障条例
shè huì bǎo zhàng tiáo lì
ئامېرىكىنىڭ <يېڭى سىياسەت> دەۋرىدە تۈزۈپ چىققان ئىجتىمائىي قانۇنى. 1935 - يىلى 8 - ئايدا ئېلان قىلىنغان. ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى تەسىس قىلغان. بۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى: ئا ق ش دىكى شتاتلاردىكى ئىشسىزلارغا قوشۇمچە ياردەم بېرىش بىرلەشمە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، ھەرقايسى شتاتلاردىكى ئىشسىزلار سۇغۇرتا قانۇنىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ سەككىز كىشىدىن ئارتۇق ئىشچى ياللىغۇچى خوجايىنلار (يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىنىڭ خوجايىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن قوشما شتات بېجى ئېلىپ، بۇنىڭ 90 پىرسەنتىنى قەرز سۈپىتىدە شتاتلارنى سۇغۇرتا ئورگانلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىش؛ ئەگەر ياشانغانلار ۋە مېيىپلار سۇغۇرتىسى تەسىس قىلىنغان بولسا، خوجايىن بىلەن ياللانما خادىملاردىن ئوخشاش باج ئېلىش، باج مىقدارىنى 1937 - يىلىدىكى 1 پىرسەنتتىن پەيدىنپەي كۆپەيتىپ، 1949 - يىلى 3 پىرسەنتكە يەتكۈزۈش؛ قوشما شتات ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئاساسەن تەسىس قىلغان دۆلەت مەبلىغىدىن پۇل چىقىرىپ، يېشى 65 ياشتىن ئاشقان پېنسىيىگە چىققانلارغا ئايدا 10 - 85 دوللار قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش؛ شتاتلاردىكى ياشانغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، كىشى بېشىغا ئايدا 15 دوللار بېرىش؛ ھەرقايسى شتاتلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ياردەم پۇلى سانىنى ئۆزلىرى بەلگىلەپ چىقىش؛ شتاتلاردىكى نامرات، ئەما، ماكانسىز ۋە مېيىپ قاتارلىق بالىلار ئۈچۈن قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىپ، ھەرقايسى شتاتلاردا ئومۇمنىڭ ساغلاملىق، كەسپىي ساغلاملىق، ئانا - بالىلارنى كۈتۈۋېلىشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئىشلىرىنى قۇرۇشقا ياردەملىشىشتىن ئىبارەت. بۇ نىزامغا كېيىن كۆپ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.