Uyghur←Chinese主要词典
ئىجادىي خىيال
پسىخولوگىيە
创造性想象
chuàng zào xìng xiǎng xiàng
بۇ بەلگىلىك مەقسەت ۋەزىپىگە ئاساسەن مېڭىدە يېڭى ئوبراز يارىتىشتىكى پسىخىك جەريان. ئىجادىي خىيالدىمۇ ھېسسىي ماتېرىيال ئاساس قىلىنىشى كېرەك، لېكىن ئۇ ئىلگىرىكى خاتىرە تەسەۋۋۇرنىڭ ئاددىي گەۋدىلىنىشى ئەمەس، شۇڭا ئۇ پىششىقلاپ، ئۆزگەرتىپ ئىشلىنىشى زۆرۈر، شۇ چاغدىلا يېڭى ئوبراز ياراتقىلى بولىدۇ. ئىلمى تەتقىقات ساھەسىدە تۈزۈلگەن پىلان بىلەن ئىجادىي پىكىرلەر، ئىشلەپچىقىرىش قۇرالى بىلەن مەھسۇلاتنى ياخشىلاش ۋە ئىجادكار، ئەدىپ، سەنئەتكارلارنىڭ بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتىش توغرىسىدىكى ئوي - پىكىرلىرى تىپىك ئىجادىي خىيال ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: يازغۇچىلارنىڭ نۇرغۇنلىغان بىر خىلدىكى كىشىلەر ۋۇجۇدىدىن ۋەكىل خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكلەرنى تېپىپ ئۇنى بىرىكتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئەنە شۇ چاغدىلا تىپىك بەدىئىي ئوبراز يارىتالايدۇ.
ئىجادىي خىيال ئىجادىيلىق، مۇستەقىللىق ۋە يېڭى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۈچۈن، تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئىگە بولۇش كېرەك: (1) ئۈلگە ئىلھامى: ئىجادىي خىيال كۆپىنچە ئوخشاش شەيئىلەردىن ئىلھاملىنىدۇ. ئۇنىڭدىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تاپىدۇ. ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى ئوينىغان شەيئى ئۈلگە دەپ ئاتىلىدۇ. (2) ئىجادكارنىڭ ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزۈش ھالىتىدە بولۇشى: ئىجادىي خىيال ئادەتتىكى خىيال ئەمەس، ئۇ بىر خىل قاتتىق پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانى، ئۇ تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ تىزگىنلىشى ۋە تەڭشىشى ئاستىدا بولىدۇ. (3) ئىلھام: ئىجادىي خىيال جەريانىدا ئىجاد قىلىنغان يېڭى ئوبرازنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدە دائىم بىر خىل تەسادىپىيلىق بولىدۇ، مۇنداق ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن يېڭى ئوبراز ھالىتى «ئىلھام» دىن ئىبارەت. ئىجادىي خىيال ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇئىسانلارنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىشىدىكى بارلىق ئىجادىي پائالىيىتىنىڭ زۆرۈرى تەركىبىي ئامىلى. ئومۇمەن ئالغاندا، ئىلمىي كەشپىيات، تېخنىكىنى يېڭىلاش، سەنئەت ئىجادىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىجادىي خىيالدىن ئايرىلالمايدۇ. ھەتتا كىچىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى، رەسىم سىزىشى، ئويۇن ئوينىشى، ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشلىرىمۇ ئىجادىي خىيال ئارىلاشمىسا، ئوڭۇشلۇق ئورۇندالمايدۇ.
ئىجادىي خىيال تەسەۋۋۇر خىيالغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ھېچقانداق تەييار تەسۋىرلەرگە تايانمايدۇ، بەلكى ئىجادىي پىكىر بويىچە ئوبراز يارىتىلىدۇ. لېكىن يېڭى ئوبراز يارىتىشتا تەسەۋۋۇر خىيالدىكىدەك، مۇناسىۋەتلىك خاتىرە تەسەۋۋۇرلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. يېڭى ئوبراز يارىتىش 2 - سىگنال سىستېمىسىنىڭ ئىجادىي تەڭشەش رولىغا تايىنىدۇ. ئىجادىي خىيال ئىنسانلارنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىنىڭ زۆرۈرىي تەركىبىي قىسمى.
مائارىپ
创造性想象
chuàng zào xìng xiǎng xiàng