Uyghur主要词典
ئىجابەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قوبۇل قىلىش، ماقۇللاش، رازى بولۇش:
دۇئايىمنى قىلدى ئىجابەت خۇدا،
ئو شۇل سائەتىدە ئىشتتىم سەدا.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قوبۇل قىلماق؛ جاۋاب بەرمەك؛ رازى بولماق؛ دەۋەتكە ئىجابەت - چاقىرغانغا بارماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قوبۇل، ماقۇل كۆرۈلۈش.
تەلىپىڭ ئىجابەت بولسۇن. ئىشقا ئىجازەت ئال، قورقماي ئىشلە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
رۇخسەت، ئەمەلگە ئېشىش، تەستىق، قوبۇل، ئىجازەت.
ئىجابەت بولماق. ئىجابەت قىلماق.
غېرىبنىڭ تەلىپى ئىجابەت (ماقال).