Chinese→Uyghur主要词典
抑制性递质
پسىخولوگىيە
تورمۇزلاش خاراكتېرلىك ۋاسىتىچى ماددا
بۇ تومۇزلاش خاراكتېرلىك سىناپسېلاردىكى نېرۋا ۋاسىتىچى ماددىلىرىنى كۆرسىتىدۇ، مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىدا گانمالۇل،گىلىتىسىن، نورادرېنالىن قاتارلىقلار بار. ئاتسىتىلخولىن نېرۋا ئۇچلىرىنىڭ مۇسكۇل بىلەن تۇتاشقان يېرىدە قوزغاش خاراكتېرلىك ۋاسىتىچى ماددا بولۇپ، بۇ خۇددى يۇرەكنىڭ ئاداشقان نېرۋىسى ئۇچىدا تورمۇزلاش خاراكتېرلىك ۋاسىتىچى ماددا بولغىنىدەك، ۋاسىتىچى ماددىنىڭ قوزغاش خاراكتېرلىك ياكى تورمۇزلاش خاراكتېرلىك بولۇشىنى ۋاسىتىچى ماددا ئۆزى بەلگىلىمەيدۇ، بەلكى ئۇ تەسىر قىلغان سىناپسېنىڭ ئارقا پەردىسىدىكى ئىئونلارنىڭ ئۆتۈشچانلىق خاراكتېرى بىلەن ھۈجەيرە ئىچىدىكى ئىئونلارنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى بەلگىلەيدۇ.