Chinese→Uyghur主要词典
抑制
پسىخولوگىيە
تورمۇزلىنىش
قوزغىلىش جەريانىنىڭ تەتۈرسىچە بولغان جەريانىدا ئىبارەت. يەنى ئۇ ئورگانىزمنىڭ تەسىرلىنىشتىن پەيدا بولغان مەلۇم خىلدىكى ھەرىكىتى بولماستىن، مەلۇم ھەرىكەتنىڭ توختاش ھادسىسىدۇر. بۇ ھادىسە قوزغىلىشنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى يوقىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. تورمۇزلىنىش يۈز بېرىش ئورنىغا قاراپ ئەتراپ تورمۇزلىنىش ۋە مەركەز تورمۇزلىنىش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، بىر نېۋرون پائالىيىتى ئۆزىگە باغلىنىشلىق بولغان نېۋرون پائالىيىتى ئۆزىگە باغلىنىشلىق بولغان نېۋرون ياكى مۇسكۇل پائالىيىتى تورمۇزلىسا، بۇ تورمۇز ئاساسى بولىدۇ. تورمۇزلىنىشمۇ قوزغىلىشقا ئوخشاش نېرۋا پائالىيىتىنىڭ بىر ئاساسىي جەريانىدۇر، شۇڭا تورمۇزلىنىش جەريانى قوزغىلىش جەريانىغا ئوخشاش ئېررادىئاتسىيە (تارقىلىش) ۋە كونسېنتراتسىيە ( توپلىنىش) قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇنىدۇ. يەنى تورمۇزلىنىش جەريانىدا مېڭە يېرىم شارلىرىنىڭ بىر قانچە قىسمىغا ۋە ھەتتا پۈتۈن پوستلاق قەۋىتىگە يېيىلىشى، ياكى پوستلاقنىڭ مەلۇم قىسمىغا توپلىنىشى مۇمكىن.
تومۇزلىنىش جەريانى شەرتسىز ۋە شەرتلىك تورمۇزلىنىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.
شەرتسىز تورمۇزلىنىش مېڭە پوستلىقىدىلا ئەمەس، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تۆۋەن قىسىملىرىدىمۇ بولىدۇ. شەرتسىز تورمۇزلىنىش تاشقى تورمۇزلىنىش ۋە چەكتىن تاشقىرى تورمۇزلىنىش قاتارلىق جەريانلار شەكلىدە يۈز بېرىدۇ. شەرتلىك رېفلېكس بىرەر غەيرىي كۈچلۈك غىدىقلىغۇچنىڭ تەسىرى بىلەن سۇسلاشسا ياكى يوقالسا، بۇنداق تورمۇزلىنىش تاشقى تورمۇزلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: قوڭغۇراق چېلىنىش بىلەن ئىتنىڭ ئاغرىدىن شۆلگەي ئېقىشقا باشلىغاندا ۋال قىلىپ ئېلېكتر يانسا، ئىتنىڭ ئاغزىدىن ئېقىۋاتقان شۆلگەي دەرھال توختايدۇ. ئىت يېنىپ تۇرغان چىراغ تەرەپكە قارايدۇ. بۇ ھال شەرتلىك رېفلېكسنىڭ تورمۇزلانغانلىقىنى كۆرستىدۇ.
شەرتلىك غىدىقلىغۇچ ھەددىدىن تاشقىرى كۈچلۈك تەسىر قىلغاندا يۈز بېرىدىغان تورمۇزلىنىش چەكتىن تاشقى تورمۇلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ئىتتا تاۋۇشقا قارىتا شۆلگەي چىقىرىش شەرتلىك رېفلېكسى شەكىللەنگەن بولسا، تاۋۇش كۈچى ھەددىدىن تاشقىرى ئاشۇرۇلغاندا شۆلگەي چىقىرىشى كىمىيدۇ ياكى ۋاقتىنچە توختاپمۇ قالىدۇ، بۇ ھال تورمۇزلىنىش جەريانى قوزغىلىش جەريانىغا ھەددىدىن تاشقىرى زور كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن يۈز بېرىدۇ ۋە مېڭە پوستلىقىنىڭ ھۈجەيرىلىرىنى ھالاكەتتىن ساقلايدۇ.
شەرتلىك تورمۇزلىنىش ئىچكى تورمۇزلىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ تورمۇزلىنىش مۇئەييەن شارائىتتا ھاسىل بولىدۇ، نامايەن بولىدۇ ۋە يوقىلىدۇ. مۇنداق تورمۇزلىنىش پەقەت چوڭ مېڭە پوستىلىقىغا خاس جەريانىدۇر. بۇ تۇرمۇزلىنىش « ئورگانىزمنىڭ شارائىتقا يۇقىرى دەرىجىدىن ماسلىشىشى ياكى باشقىچە ئېيتقاندا ئورگانىزمنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن ناھايىتى نازۇك ۋە ئېنىق تەڭپۇڭلىشىشى» دىن ئىبارەت.
شەرتلىك تورمۇزلىنىشنىڭ بىر خىلى ئۆچكۈچى تورمۇزلىنىشدۇر. شەرتلىك غىدىقلىغۇچى شەرتسىز غىدىقلىغۇچى بىلەن « مۇستەھكەملەنمەستىن» كۆپ قېتىم تەكرارلانغاندا، شۇ خىلدىكى تورمۇزلىنىش ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن: شەرتلىك غىدىقلىغۇچ يەنى قوڭغۇراق تاۋۇشىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىتنىڭ ئاغزىدىن شۆلگەي ئاقىدۇ. ئەگەر شەرتلىك غىدىقلىغۇچ شەرتسىز غىدىقلىغۇچى (يېمەكلىك بېرىش) بىلەن مۇستەھكەملەنمەستىن تۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم تەكرارلانسا، شۆلگەي چىقىرىش كىمىيشكە باشلايدۇ ۋە ئاخىرى تامامەن توختايدۇ، ئەمما تورمۇزلىنىشنىڭ بۇنداق ئۆچۈشى شەرتلىك رېفلېكىسنىڭ يوقىلىشى دېگەن گەپ ئەمەس. ئۆچكەن رېفلېكس بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيىن ھېچ قانداق قوشۇمچە غىدىقلىغۇچىلار بولمىسىمۇ، قايتا تىكلىنىشى مۇمكىن. شەرتسىز غىدىقلىغۇچ بىلەن مۇستەھكەملەنگەن تەقدىردە شەرتلىك رېفلېكس ناھايىتى ئاسانلىق بىلەن تىكلىنىدۇ. ئۆچكۈچى تورمۇزلىنىش ناھايىتى مۇھىم مېخانىزم بولۇپ، زۆرۈرىيىتى بولمىغان باغلىنىشلارنى يوقىتىشقا ۋە شۇ يوسۇندا ئورگانىزم بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشلارنى ئۆزگەرتىشكە، قايتىدىن قۇرۇشقا چەكسىز ئىمكان بېرىدۇ.
شەرتلىك تورمۇزلىنىشنىڭ ئىككىنچى خىلى دىففېرېنسىئاللىغۇچى تورمۇزلىنىشتىن ئىبارەت. ۋاقىتلىق، شەرتلىك باغلىنىش ئايدىڭلاشقاندا، مەخسۇسلاشقاندا، شۇ خىل تورمۇزلىنىش يۈز بېرىدۇ، شەرتلىك رېفلېكس شەكىللىنىشكە باشلىغاندا، ئورگانىزم شەرتلىك غىدىقلىغۇچىلارغا رېئاكسىيە كۆرسىتىپ قالماستىن، شۇ شەرتلىك غىدىقلىغۇچقا ئوخشاشراق بولغان باشقا غىدىقلىغۇچلارغىمۇ رىئاكسىيە كۆرسىتىدۇ. شەرتلىك غىدىقلىغۇچقا ئوخشاشراق غىدىقلىغۇچقا ئوخشاشراق غىدىقلىغۇچىلار مۇستەھكەملەنمىسە، رېفلېكس قوزغالماس بولۇپ قالىدۇ. مۇنداقتا باغلىنىش تورمۇزلىنىدۇ. پەقەت بىرلا شەرتلىك غىدىقلىغۇچ ئۆچىدۇ. دائىم مۇستەھكەملىنىدىغان غىدىقلىغۇچ جاۋاپ رېئاكسىيىسىنى قوزغايدۇ. مۇستەھكەملەنمىگەن ئوخشاش غىدىقلىغۇچ بىلەن شەكىللىدۈرۈلگەن رېفلېكىسلارنىڭ شۇنداق تورمۇزلىنىشى نەتىجىسىدە، بىر مۇئەييەن شەرتلىك غىدىقلىغۇچىغا تېگىشلىك ئېنىق باغلىنىش شەكىللىنىدۇ.
دىففېرېنسىئاللىغۇچى تورمۇزلىنىش تاشقى غىدىقلىغۇچىلارنى ناھايىتى ئېنىق پەرق ئېتىش مېخانىزمىدۇر. بۇ تورمۇزلىنىش ئورگانىزمنىڭ غىدىقلىغۇچىلارغا، ئۆز ھايات شارائىتىغا ناھايىتى ئېنىق ماسلىشىشىنى تەمىنلەيدۇ.
تورمۇزلىنىشنىڭ يەنە بىر تۈرى ئۇيقۇدۇر. ئۇيقۇ چوڭ مېڭە پوستلىقىغا يېيىلىدىغان ئىچكى تورمۇزلىنىشتىن ئىبارەت. ئەگەر ئۇيقۇ ۋاقتىدا چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ ئايرىم قىسىملىرىدىكى تورمۇزلىنىش جەريانىدا سۇسلىشىپ، مەلۇم دەرىجىدە قوزغىلىش جەريانى يۈز بەرسە، ئادەم چۈش كۆرىدۇ.
چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قىسىمەن قوزغىلىشى نەتىجىسىدىمۇ پۈتۈن پوستلاق تورمۇزلىنىشى (ئۇيقۇسىراش) مۇمكىن. مەسىلەن: كۈچىسز ياكى ئوتتۇرىچە كۈچلۈك قانداقتۇر بىر غىدىقلىغۇچى ئۇزاق ۋاقىت بىر تەكشى تەسىر قىلىپ تۇرسا ( مەسىلەن: ۋاگونلارنىڭ تەۋرىنىشى)، بۇ غىدىقلىغۇچقا تېگىشلىك مەركەزدە تورمۇزلىنىش جەريانى يۈز بېرىدۇ. مۇنداق قىسىمەن تورمۇزلىنىش پۈتۈن پوستلاققا تارقىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن: ھەدەپ بىر مۇقامدا سۆزلەش ئۇيقىمىزنى كەلتۈرىدۇ. پاۋلوۋنىڭ پىكىرىچە، گېپنوز فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتە شۇ قانۇنىيەتكە ئاساسلانغان بولۇپ، گېپنوز ۋاقتىدا چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ چوڭراق قىسمى تورمۇزلىنىپ، ئايرىم قىسىملىرى قوزغالغان ھالەتتە قالىدۇ.
ئېلېكترون، ئۇچۇر
yì zhì
كونترول قىلىشDپارقازان، بېسىملىق باك
yì zhì
تورمۇزلاش، توختاش، ماشىنىنى توختىتىش، تىزگىنلەش، ئېتىپ قويۇشDپارقازان، بېسىملىق باك
yì zhì
تورمۇزلاش، توختاش، ماشىنىنى توختىتىش، تىزگىنلەش، ئېتىپ قويۇشDپارقازان، بېسىملىق باك
yì zhì
تورمۇزلاش، توختاش، ماشىنىنى توختىتىش، تىزگىنلەش، ئېتىپ قويۇشDئۇنىۋېرسال
yì zhì
تورمۇزلانماق،بويسۇندۇرماق، باسماق، تىنچلانماق، تىزگىنلىمەك
Dتېببىي
yì zhì
تورمۇزلاش، تورمۇزلىنىشDتاشيول قۇرۇلۇشى
yì zhì
تىزگىنلەشDتەنتەربىيە
yì zhì
تورمۇزلاش، تورمۇزلىنىش، تىزگىنلەشDپارقازان، بېسىملىق باك
yì zhì
توختىتىشDمائارىپ
yì zhì
تورمۇزلاش، تورمۇزلىنىشDخىمىيە
yì zhì
تىزگىنلەش ، يۈگەنلەشDكومپيۇتېر
yì zhì
تىزگىنلەشDدېھقانچىلىق
yì zhì
چەكلەشDپارقازان، بېسىملىق باك
yì zhì
مەجبۇرلاش، زورلاش، چەكلەش