Chinese→Uyghur主要词典
胰液
بىئولوگىيە
ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى
<ئۇيقۇلۇق سۇيۇقلۇقى>، <ئۇيقۇ بېزى سۇيۇقلۇقى> ياكى <پانكرېئاتىك سۇيۇقلۇق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ سىرتقى ئاجرىتىش قىسمى ئاجرىتىپ چىقارغان ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى. ئۇ نەيچە ئارقىلىق ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە كىرىپ ئوزۇقلۇقنى شۇ يەردە ھەزىم قىلىدۇ. ئۇ رەڭسىز، ئىشقارلىق (PH 4.8 - 8.7) سۇيۇقلۇق. يېتىلگەن ئادەم كۈنىگە تەخمىنەن 1 - 2 لىتر ئۇيقۇ بېزى سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىدۇ. ئۇيقۇ بېزى سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى نىئورگانىك تۇز تەركىبى ئاساسەن بىكاربونات تۇزلىرىدىن ئىبارەت. بىكاربونات تۇزلىرى ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە كىرگەن ئاشقازان كىسلاتاسىنى نېيتراللاپ ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى كۈچلۈك كىسلاتانىڭ چىرىتىشىدىن ساقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنىڭ ھەزىم قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىغا مۇۋاپىق بولغان مۇھىت شارائىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئورگانىك ماددىلاردىن ئاساسلىقى ئاقسىل بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرى ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرى ھېسابلىنىدۇ؛ (1) ئۇيقۇ بېزى ئامىلازىسى (ئامىلوپسىن)، كراخمالنى پارچىلاپ مالتوزىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق PH دەرىجىسى 7.6 - 0.7 بولىدۇ. (2) ئۇيقۇ بېزى لىپازىسى (پانكرېئاتىك لىپازا) ماينى پاچىلاپ گېلىتسېرېن ۋە ماي كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق PH دەرىجىسى 5.7 - 5.8 بولىدۇ. ئۆت تۇزلىرى مەۋجۇت شارائىتتا لىپازىنىڭ ئاكتىپچانلىقى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. (3) ئۇيقۇ بېزى پروتېئىنازىسى (ترىپسىن) ۋە خىموترىپسىن، بۇ ئىككى خىل ئېنزىم ئۇيقۇ بېزىدىن ئاجرىلىپ چىققاندا ئاكتىپچانلىقى بولمىغان زىموگېنلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۈچەي سۇيۇقلۇقىدىكى ئېنتېروكىنازىلار ترىپسىنوگېنلارنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ ترىپسىنغا ئايلاندۇرىدۇ، ئاكتىپچانلىقى بولغان ترىپسىنلار يەنە خىموترىپسىنلارنى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئېنزىم ئاقسىلنى پارچىلاپ ئالبۇمىنوزا ۋە پېپتونلارغا ئايلاندۇرىدۇ. ئىككىسى ئورتاق رول ئوينىغاندا بولسا، رولى كۈچىيىپ ئاقسىللارنى كىچىكرەك مولېكۇلىلارغا پارچىلاپ پولى پېپتىد ۋە ئامىنو كىسلاتالىرىغا ئايلاندۇرىدۇ. (4) رىبونۇكلېئازا ۋە دېسئوكسى رىبونۇكلېئازا، ماس يادرو كىسلاتالىرىنى قىسمەن گىدرولىزلاپ نۇكسلېئوتىدلارغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇيقۇ بېزى سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئۈچ خىل ئاساسىي ئوزۇقلۇقنىڭ ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنىڭ ھەممىسى بولغاچقا ناھايىتى مۇھىم بىرخىل ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيقۇ بېزى سۇيۇقلۇقى يېتىشمىگەندە ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى ماي ۋە ئاقسىللارنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، مايلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ناچارلاشسا مايدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن A, D, E, K لارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
تېببىي,تەنتەربىيە
yí yè
ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى، ئۇيقۇلۇق سۇيۇقلۇقىDئۇنىۋېرسال
yí yè
ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى