Chinese→Uyghur主要词典
异养微生物
بىئولوگىيە
چەتتىن ئوزۇقلۇقلىنىدىغان مىكرو ئورگانىزملار
كاربون (Ⅳ)- ئوكسىدىنى ئاساسلىق كاربون مەنبەسى ياكى بىردىنبىر كاربون مەنبەسى قىلماي، ئورگانىك ماددىلارنى ئاساسلىق كاربون مەنبەسى قىلىپ ئۆسىدىغان بىر توپ مىكرو ئورگانىزم. ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمى ئۆسۈشكە كېرەكلىك بولغان ئېنېرگىيىنى قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن ئالغاندىن باشقا، كۆپ قىسمى ئورگانىك ماددىلارنىڭ ئوكسىدلىنىشىدىن ئالىدۇ. ئالدىنقىسى قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ چەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان مىكرو ئورگانىزملار، كېيىنكىسى خىمىيىلىك ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ چەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان مىكرو ئورگانىزملار دەپ ئاتىلىدۇ. خىمىيىلىك ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ چەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان مىكرو ئورگانىزملار ياشاش ئۇسۇلىغا ئاساسەن، چىرىندىخور تىپ ۋە پارازىت تىپ دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. چىرىندىخور تىپقا كىرىدىغان مىكرو ئورگانىزملار جانسىز ئورگانىك ماددىلار ياكى ئۆلگەن ئورگانىزم ۋە ئۇنىڭ قالدۇق قىسىملىرىدىن پايدىلىنىپ ياشايدۇ، مەسىلەن، باكتېرىيە، ئېچىتقۇ، زەمبۇرۇغ قاتارلىقلار. بۇ تۈردىكى جانلىقلار ماددا ئايلىنىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. پارازىت تىپقا كىرىدىغان مىكرو ئورگانىزملار ھايۋان، ئۆسۈملۈك ياكى ئادەم تېنىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ياشايدىغان ھەر خىل جانلىقلار (ھەر خىل كېسەل قوزغاتقۇچى مكرو ئورگانىزملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى كۆرسىتىدۇ.