Chinese→Uyghur主要词典
伊新
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
yī xīn
ئىسسىن
دۇنيا تارىخى
ئىسىن
مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ھازىرقى ئىراقتىكى باغداد شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩ ئەسىردە ئامورىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان. دائىم شىمالدىكى ئېشنوننا ۋە جەنۇبتىكى لارسا قاتارلىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بابىلون تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. يېقىنقى زامان ئارخېئولوگلىرى ئۇنىڭ خارابىسىنى قېزىپ، زور تۈركۈمدىكى سېمىت تىلى مىخ يېزىقى بىلەن يېزىلغان كورۇل جەمەتى ئارخىپ ھۆججەتلىرىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ يەرنىڭ سىنىپىي جەمئىيەتكە بىرقەدەر بۇرۇن كىرگەنلىكىنى ھەمدە سومېر، ئاققادىئانوس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگ ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ساقلىنىپ قالغان <ئىسىن كورۇلى لېپىت ئىشتار قانۇنى دەستۇرى> دەپ قۇلدارلار مەنپەئىتى ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى قوغداش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.