Chinese→Uyghur主要词典
异温动物
بىئولوگىيە
غەيرىي تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلار
ئاز ساندىكى قۇشلار ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىن بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلار بىلەن مۇقىم تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، قىشتىن باشقا پەسىللەردە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىيالايدۇ، لېكىن قىش پەسلىدىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەن، ئوزۇقلۇقلار ئازلاپ كەتكەن پايدىسىز شارائىتقا كەلگەندە ئۇلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى خۇددى ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلارغا ئوخشاش سىرتقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ. ھەمدە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئۈچەككە كىرىش ھالىتى پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ھايۋانلار غەيرىي تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلار دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن غەيرىي تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلارنىڭ ئۈچەككە كىرىشى ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى گەرچە تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا يوقاتمىغان بولىدۇ. شۇنىڭدەك ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ستىخىيىلىك ھالدا (ئۆزلۈكىدىن) ياكى ئىندۇكسىيىلىك ھالدا ئويغىنىپ پائالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.