Chinese→Uyghur主要词典
伊瓦依洛起义
دۇنيا تارىخى
ئىۋايلو قوزغىلىڭى
1277 - 1280 - يىللىرىدىكى بۇلغارىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى. چارۋىچى ئىۋايلو (؟ - 1280) داھىي بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىنىڭ ئېغىرلىشىپ بېرىشى ۋە موڭغۇللارنىڭ ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى (1241 - يىلى باشلانغان) ئارقىسىدا، بۇلغارىيە دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىپ بارغان. 1277 - يىلى ئىۋايلو قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باشلاپ چىقىپ، موڭغۇللار قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان، كېيىن يەنە بۇلغارىيە پادىشاھى كونستانتىن ئاسېن (1258 - 1277 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نى يەڭگەن. ئىككىنچى يىلى پايتەخت - ترىنوۋوغا كىرىپ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە كونستانتىننىڭ تۇل قالغان خوتۇنىنى نىكاھىغا ئېلىپ، ئۆزىگە خانىكە قىلغان. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى مىكائېل Ⅷ بۇلغارىيە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، قوشۇن ئەۋەتىپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىۋان ئاسېن Ⅲ نى يۆلەپ بۇلغارىيە پادىشاھلىق تەختىگە چىقارغان. 1279 - يىلى ۋىزانتىيە قوشۇنلىرى ترونوۋونى ئىشغال قىلغان. ئىۋايلو موڭغۇللاردىن ياردەم سوراپ بارغاندا ئۆلتۈرۈلگەن.