Chinese→Uyghur主要词典
遗忘曲线
تەنتەربىيە
yí wàng qū xiàn
ئۇنتۇش ئەگرى سىزىقى
پسىخولوگىيە
ئۇنتۇش ئەگرى سىزىقى
بۇ ئۇنتۇش تېزلىكى تەسۋىرلەنگەن ئەگرى سىزىق. بۇ ئۇنتۇشنىڭ ئۆزگىرىش مىقدارى بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىش مىقدارى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنى گىرمانىيەلىك ئېببىنگخائۇس ئىجاد قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەستە قالدۇرغان مەنىسىز بوغۇملارنىڭ تۈرلۈك ۋاقىت ئارىلىقىدا ئېسىدە ساقلانغانلىرىنى پىرسەنت بىلەن ئىپادىلەپ كۆرسەتكەن. يېڭىلا ئەستە قالدۇرغان مەنىسىز ماتېرىياللارنىڭ ئۇنتۇلۇشى دەسلەپكى بىر قانچە سائەت ئىچىدە تېز بولۇپ، ئىككى كۈندىن كېيىن بىر قەدەر ئاستىلاپ، كېيىن تېخىمۇ ئاستىلىغان. لېكىن كېيىنكى پسىخولوگلارنىڭ تەجرىبىسىگە قارىغاندا، ئۇنتۇش تېزلىكى ناھايىتى زور دەرىجىدە ماتېرىيالنىڭ خاراكتېرى بىلەن ھەجمىگە باغلىق ئىكەنلىكى، ئۇنتۇش ئەگرى سىزىقىنىڭ شەكلىمۇ سەۋەبكە قاراپ پەرقلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. يەنە پىششىق ئەستە قالدۇرۇلغان مەنىلىك ماتېرىيالنىڭ مىقدارى (ھەجمى) كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەندە، مۇستەھكەم باغلىنىش شەكىللەنمىگەنلىكتىن، ئۇنتۇش تېزلىكى باشتا تېز، كېيىن ئاستىلايدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن مەنىسىز ماتېرىيالنىڭ ئۇنتۇش ئەگرى سىزىقىغا يېقىنلىشىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.