Uyghur主要词典
ئىيۇن نامايىشى
دۇنيا تارىخى
1917 - يىلى روسىيە پېتروگرادتىكى ئىنقىلابىي ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەرنىڭ نامايىشى. بۇ نامايىش ئىيۇندا (روسىيە كالېندارى بويىچە) يۈز بەرگەنلىكتىن، شۇنداق ئاتالغان. ئاپرېلدىكى نامايىشتىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەشەددىيلىك بىلەن خەلققە قارشى سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكتىن، ئامما تېخىمۇ نارازى بولغان. 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى (روسىيە كالېندارى بويىچە 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) 500 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ۋە ئەسكەر پېتروگرادتىكى مارس مەكتىپى مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ روسىيە ئارمىيىسىنى ئالدىنقى سەپتە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە مەجبورلىغانلىق خەۋىرى ئاممىنى غەزەپلەندۈرگەن. نامايىشچىلار بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان <يوقالسۇن ئۇرۇش>، <ئون كاپىتالىست كاتتىباشنى يوقىتايلى>، <بارلىق ھوقۇق سوۋېتلەرگە مەنسۇپ> دېگەن شوئارلارنى توۋلاشقان. شۇ كۈنى موسكۋا، مىنىسكى قاتارلىق جايلاردىمۇ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قارشى چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىمقى نامايىش ئىنقىلابىي ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش روھى ۋە بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى نامايەن قىلغان.