Uyghur←Chinese主要词典
ئىيۇل خاتىرە تۈۋرۈكى
دۇنيا تارىخى
七月纪念柱
qī yuè jì niàn zhù
فرانسىيەنىڭ 1830 - يىلىدىكى ئىيۇل ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، پارىژ باستېلىيە مەيدانىغا ياسالغان خاتىرىلەش خاراكتېرىدىكى قۇرۇلۇش. 1833 - 1840 - يىللاردا ياسالغان. ئۇ مىس يالىتىلغان يۇمىلاق تۈۋرۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ يۈزىگە 1830 - يىل ئىيۇل ئىنقىلابىدا قۇربان بولغان 504 نەپەر جەڭچىنىڭ ئىسمى ئۇيۇلغان؛ تۈۋرۈك تەگلىكىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە گاللىيە خورىزى ئورنىتىلغان، تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە مىستىن ياسالغان ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان. تۈۋرۈكنىڭ تېگى يەر ئاستى لەھەت بولۇپ، ئىيۇل ئىنقىلابىدا قۇربان بولغانلارنىڭ جەسىتى قويۇلغان.