Uyghur主要词典
ئېيتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چايغا _ مېھمانغا تەكلىپ قىلماق.
دوست چىللىسا قالما، دۈشمەن چىللىسا بارما. ئېيتماقنىڭ ئېتى ئۇلۇغ. چاقىرغان يەردىن قالما، چاقىرمىغان يەرگە بارما.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەقسەتنى تىل بىلەن ئۇقتۇرماق، چۈشەندۈرمەك، سۆز قىلماق.
سۆزلىگەندىن سۆزلىمىگەن ياخشىراق. ئاۋۋال ئويلا، ئاندىن سۆزلە. تۈز كەس، توغرا ئېيت. «ئا» نى ئېيتقان ئىكەنسەن، «ب» نىمۇ ئېيت. دەپ - دەپ دەردىڭنى ئال. چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نېمە دېمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئوي - پىكىرنى، مەقسىتىنى ئاغزاكى بايان قىلماق، گەپ قىلماق، دېمەك.
ئاشىق ئايالغان ئۆزىنىڭ كەلگەن يېرىنى ۋە كېلىشتىكى مەقسىتىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.
تەلەپپۇز قىلماق.
بىرەر تىلنى يېڭى ئۆگەنگەندە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى توغرا ئېيتىش كېرەك.
تەكلىپ قىلماق، چاقىرماق.
تويغا ئېيتماق. چايغا ئېيتماق. نەزىرگە ئېيتماق.
بەزى ئىسىملار بىلەن كېلىپ ئۇنى پېئىللاشتۇرۇپ <يوللىماق، يەتكۈزمەك> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
سالام ئېيتماق. ئۆزرە ئېيتماق. گەپ ئېيتماق.