Chinese→Uyghur主要词典
伊索克拉底
دۇنيا تارىخى
ئىسوكرات
(مىلادىدىن ئىلگىرى 643 - 338) قەدىمكى ئافىنالىق پوبلىست. تېئودورۇسنىڭ ئوغلى. ۋاقتىدا گورگىياس، پرودىكۇس قاتارلىقلاردىن ستىلىستىكا ئۆگەنگەن. كېيىن مەكتەپ ئېچىپ ستىلىستىكىدىن دەرس ئۆتكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا شۇ چاغدا ئەپلاتون باشقۇرۇۋاتقان پەلسەپە <ئاكادېمىيە> بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرغان. سوتتا ئاقلىغۇچى بولغان ھەمدە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئېقىم مەسىلىلىرىگە باھا بەرگەن. ماكېدونىيىلىكلەرنىڭ جەنۇبقا باستۇرۇپ كېلىشى ۋە يۇناننى بويسۇندۇرۇشى جەريانىدا، دېموستېنېسنىڭ ئەكسىچە، ماكىدونىيەپەرەستلەرنىڭ داھىيىسىغا ئايلىنىپ قالغان. <ئولىمپىيە باش كاھىنى> دېگەن نۇتقىنى ئېلان قىلىپ، ئافىنا، سپارتا قاتارلىق يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ يارىشىپ، پېرسىيىگە بىللە قارشى تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان؛ <فىلىپ> دېگەن نۇتقىدا ماكىدونىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ نىڭ رەھبەرلىكىدە يۇنان دۆلەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پېرسىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، بۇ ئارقىلىق يۇناننى ئىجتىمائىي كرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان. <ئۇرۇشنى ئاسىياغا ئېلىپ بېرىپ، ئاسىيانىڭ بايلىقىنى يۇنانغا ئېلىپ كېلەيلى> دەپ خىتاب قىلغان. خېرونىيە ئۇرۇشى (مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرى) دىن كېيىن، يۇنان مۇستەقىللىكتىن مەھرۇم بولغاندا، تاماي يېمەي ئۆلۈۋالغان. بۈگۈنكى كۈنگىچە نۇتۇق، سىياسىي ئوبزور ۋە خەت - چەكلىرىدىن تەخمىنەن 30 پارچىسى ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ماقالىلىرىنىڭ ژانىرى رىم ناتىقى سىسېرو ۋە كېيىنكى غەرب ناتىقلىرىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.