Chinese→Uyghur主要词典
意属索马里
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيىگە قارام سومالى
سومالىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ ئىتالىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدىكى ئاتىلىشى. 1885 - يىلى ئىتالىيە مۇستەملىكىچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە باشلىغان، 1889 - يىلى شۇ يەرنىڭ سۇلتانى بىلەن <ھامىيلىق شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. 1925 - يىلى پۈتۈن سومالىنى بېسىۋالغان. 1941 - يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان. 1949 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سومالىنى ئىتالىيەنىڭ ۋاسساللىقىغا تاپشۇرۇشنى قارار قىلغان. 1960 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. سومالىنىڭ شىمالىي قىسمى (ئەسلى ئەنگلىيىگە قاراشلىق سومالى) بىلەن بىرلىشىپ، سومالى جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.