Chinese→Uyghur主要词典
遗失武器装备罪
جىنايەت ۋە جازا
قورال - جابدۇقنى يوقىتىپ قويۇش جىنايىتى
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ قورال - جابدۇقنى يوقىتىپ قويۇپ ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغان ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ قورال - جابدۇقلارنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قورال - جابدۇقنى يىتتۈرۈپ قويۇپ ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغان ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبېيكتى - ھەربىيلەر بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
441 - ماددا قورال - جابدۇقنى يوقىتىپ قويۇپ ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغانلارغا ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
قانۇن
yí shī wǔ qì zhuāng bèi zuì
قورال جابدۇقنى يوقىتىپ قويۇش جىنايىتى