Chinese→Uyghur主要词典
以色列王国
دىن
yǐ sè liè wáng guó
基
خىرىستيان دىنى
ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقى
پەلەستىننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى خانلىق. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە يېۋرىيلار پەلەستىنگە كېلىپ، شۇ يەردىكى يەرلىك خەلق - كەنئانلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇشقان. يېۋرىيلارنىڭ شىمالىي پەلەستىن رايونىدا ئون قەبىلىسى (جەنۇبىي يەھۇدىي رايونىدا ئىككى قەبىلىسى) بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىر بىلەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ ئەسىر ئارىلىقىدا، ئىسرائىلىيە خانى سارۇ، يەھۇدىيلار خانى داۋىد ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھەرقايسى قەبىلىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ پەلەستىنلىكلەرگە زەربە بەرگەن. داۋىد بىلەن سۇلايمان قۇرغان ھەمدە جەنۇب بىلەن شىمال بىرلىككە كەلگەن ئىسرائىلىيە - يەھۇدىي خانلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 935 يىل ئىلگىرى، خانلىق بۆلۈنگەن؛ جىروبوئام ئەسكەر باشلاپ، مىسىرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ شىمالىي قىسمىدا ئىسرائىلىيىگە ئۆزى خان بولغان، جەنۇبىي قىسمىدا رىخۇيوئام يەھۇدىيلار خانى بولغان. ئومرى خاندانلىقى مەزگىلىدە دۆلىتى روناق تېپىپ، سامارىيىنى پايتەخت قىلغان، ماگاتلار ھەمدە دەمەشقتىكى سۈرىيە بەگلىكلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. مىلادىدىن 722 يىل ئىلگىرى ئاسسۇرىيە خانى سارگون Ⅱ سامارىيىنى ھۇجۇم قىلىپ بېسىۋېلىپ، ئىسرائىلىيە خانلىقىنى يوقىتىپ، زور كۆپچىلىك ئاھالىسىنى باشقا شەھەرلەرگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبورلاپ، خانلىقنىڭ زېمىنىنى ئاسسۇرىيە زېمىنىغا قوشۇۋالغان. <يەھۇدىي خانلىقى> غا قارالسۇن.