Uyghur主要词典
ئىيساۋىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ماراكەشتىكى تەسەۋۋۇپچى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلى بولۇپ، بۇنى مۇھەممەد ئىبنى ئىيسا (1465 -1524) ماراكەشتىكى مېكنېستا قۇرغان. ئەھمەد خارىش (؟ - 1495) مېكنېس زاۋىيەسىنىڭ باشلىقى بولغان. شازىلىيەنىڭ دىنىي مۇراسىملىرىغا ئەمەل قىلغان. مەسلەن، مۇرىدلار قولىنى قولى بىلەن تۇتۇۋېلىپ ئاتەشداننى چۆرىدەپ بەدىنىنىڭ سېزىمى يوقالغىچە قاتتىق تولغىنىدۇ. ئاندىن گېزەندىنى تىرىك يەيدۇ. مۇشۇ يول بىلەن كېسەل داۋالايدۇ. بۇ پىرقىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۈچىنچى ئەۋلادتىن باشلاپ، مۇھەممەد ئىبنى ئىيسانىڭ جەمەتى ئۈستىگە ئالدى. پائالىيەت مەركىزىنى ئالجىرىيىدىكى مەدىئەنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئۇزېراغا يۆتكىدى. بۇ پىرقىنى قۇرغان مۇھەممەد ئىبنى ئىيسانىڭ نەۋرىسى سالدۇرغان زاۋىيە ھازىرمۇ مەۋجۇت.