Chinese→Uyghur主要词典
伊萨克杨
دۇنيا تارىخى
ئىساكيان
(1875 - 1957) ئەرمىنىيىلىك شائىر. چېركاۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1892 - يىلدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1897 - يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى <ناخشا ساداسى ۋە جاراھەت> نى ئېلان قىلىپ، خەلقنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1905 - يىلىدىكى ئىنقىلابنىڭ تەسىرى بىلەن <ئەركىن قوڭغۇراق ئاۋازى> نى يېزىپ، مىللىي ۋە سىنىپىي زۇلۇمغا بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلىگەن. چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن، 1911 - يىلىدىن باشلاپ ئۇزاققىچە چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، داستان - <شاسۇن شەھىرىدىكى مۇگېر> نى يېزىپ ئەرمىنىيىنىڭ تارىخىي داستانى <شاسۇنىيىلىك داۋىد> دىكى ۋەقەلىكتىن پايدىلىنىپ، باتۇر مۇگېرنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. 1936 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلدە، ئىلگىرى - كېيىن <ۋەتىنىمگە بېغىشلايمەن>، <جەڭگىۋار چاقىرىق>، <قەلبىم تاغ چوققىسىدا> ۋە <كۈرىشىمىز> قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، خەلقنى سوۋېت دۆلىتىنى قوغداش يولىدا پىداكارلىق قىلىشقا چاقىرغان.