Chinese→Uyghur主要词典
伊萨柯夫斯基
دۇنيا تارىخى
ئىساكوۋىسكىي
(1900 - 1973) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق شائىر. نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 14 يېشىدىلا شېئىر يېزىشنى پىلانلىغان. 1918 - يىلى روسىيە كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) گە قاتناشقان. 1921 - 1931 - يىللىرى سىمولېنىسكىدا <ئىشچىلار يولى> گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى بولغان. 1927 - يىلى شېئىرلار توپلىمى - <شال پاخىلى ئىچىدىكى ئېلېكتر سىمى> نى ئېلان قىلىپ، گوركىينىڭ ياخشى باھاسىغا ئىگە بولغان. داڭلىق شېئىرلىرىدىن <ئۇنى كىم بىلىدۇ>، <كاتيۇشا>، <ھەربىي سەپتىن چېكىندۈرۈلگەن چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرى>، <ئۇزىتىش>، <چىراغ نۇرى>، <قۇشلار ئۇچتى يىراققا> قاتارلىقلار بار. تىلى راۋان، قاپىيە ۋە ۋەزنى يېقىملىق، ئۇسلۇبى ئاددىي بولۇپ، كۆپلىگەن شېئىرلىرىنى ئامما ناخشا قىلىپ ئېيتقان.