Chinese→Uyghur主要词典
异染磕粒
بىئولوگىيە
غەيرىي بويىلىدىغان دانىچە
بەزى ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى، باكتېرىيە (مەسىلەن، بوغما تاياقچە باكتېرىيىسى، مىكرو باكتېرىيە قاتارلىقلار) ياكى باشقا مىكرو ئورگانىزملار تۇراقلىق ئۆسۈش مەزگىلىدە بىرىكتۈرىدىغان پولمىرلاشقان فوسفات كىسلاتا تۇزى بىلەن ئاقسىل (ياكى ماي) دىن، ياكى ئاقسىل بىلە مايدىن تۈزۈلگەن بىر خىل مۇرەككەپ بىرىكمە. بۇ مۇرەككەپ بىرىكمىنى ئىشقارلىق بوياقلار (مەسىلەن، مېتىلېن كۆكى) بىلەن بويىغاندا ئوخشاش بولمىغان رەڭدە بويىلىدۇ، شۇڭا غەيرىي بويىلىدىغان دانىچە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ فوسفات كىسلاتا تۇزىنى زاپاس ساقلايدىغان بىر خىل ماددا بولۇپ، ئۆستۈرگۈچتىكى فوسفات كىسلاتا تۇزىنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەن بولغاندا پارچىلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى ئۆستۈرگۈچ تەركىبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.