Chinese→Uyghur主要词典
易普斯战役
دۇنيا تارىخى
ئىپسوس جېڭى
(ئىمپېراتور) ئالېكساندرنىڭ قول ئاستىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللىرى تەسىر دائىرە تالىشىش يولىدا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ. مىلادىدىن 301 يىل ئىلگىرى، فراكىيە (كىچىك ئاسىيادا)دىكى ئىپسوستا يۈز بەرگەن. سېلېۋك Ⅰ، پتولېمېي، كاساندىرا، لىسىما قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئانتىگون Ⅰ گە قارشى تۇرغان. ئىككى تەرەپتىن تەخمىنەن 70000 ئەسكىرىي كۈچ جەڭگە كىرگەن، سېلېۋك Ⅰ كۆپلىگەن ئۇرۇش پىلىنىمۇ ئىشقا سالغان. دەسلەپتە ئانتىگون Ⅰ نىڭ ئوغلى دېمېترىي ئاتلىق ئەسكەرلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ بىر تەرەپتە غەلىبە قىلغان، لېكىن ئۇنىڭ قوشۇنى يەككە - يىگانە ئىچكىرىلەپ كىرگەچەك، ئانتىگون بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. ئانتىگون سېلېۋكنىڭ <چاسا سېپى> ۋە ئۇرۇش پىللىرىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىپ مەغلۇپ بولۇپ ئۆلگەن، قول ئاستىدىكى قوشۇنلىرىمۇ (دېمېترىي يۇنانغا قېچىپ كەتكەن) تارمار قىلىنغان. ئانتىگون Ⅰنىڭ كونتروللۇقىدىكى زېمىنلارنىڭ كۆپ قىسمى بۆلۈۋېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن، يۇنانلاشتۇرۇش دەۋرىدىكى ئۈچ ئاساسلىق دۆلەت، يەنى پتولېمېي پادىشاھلىقى (مىسىر)، سېلېۋك پادىشاھلىقى (كىچىك ئاسىيادا) ۋە ماكېدونىيە پادىشاھلىقى (ئانتىگون خاندانلىقى)دىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى تەدرىجىي شەكىللەنگەن