Chinese→Uyghur主要词典
银杏
يېزا ئىگىلىك,ئۆسۈملۈك
yín xìng
كۈمۈش ئۆرۈكDئۇنىۋېرسال
yín xìng
گىنكو دەرىخى
Dئورمانچىلىق
yín xìng
ئاق شاكال دەرىخى، گىنكو دەرىخى
بىئولوگىيە
كۈمۈش ئۆرۈك
كۈمۈش ئۆرۈك ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ يوپۇرماق تاشلايدىغان چوڭ دەرەخ بولۇپ، ئۇزۇن - قىسقا شاخقا بۆلۈنىدۇ. يوپۇرمىقى يەلپۈگۈچسىمان بولىدۇ، كۆپىنچە ئاچىماقلىنىپ، قاتار بولۇپ تىزىلغان ئىنچىكە تومۇرى بولىدۇ، ئۇزۇن شېخىدا بۇرمىسىمان تىزىلغان بولىدۇ، قىسقا شېخى ئۇچىنىڭ بىر يېنىدا 2 - 5 كىچە يوپۇرماق توپلىشىپ ئۆسىدۇ. شارسىمان گۈلى قىسقا شېخىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، كىچىك ھەم روشەن بولمايدۇ، يوپۇرماق بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېچىلىدۇ؛ ئاتىلىق، ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە ئۆسىدۇ؛ ئاتىلىق شارسىمان گۈلى سارغۇچ يېشىل بولۇپ، گۈل رېتى قىسقا پوتلىسىمان بولىدۇ، ئاتىلىقى شالاڭ تىزىلىدۇ، قىسقا سېپى بولىدۇ، ئىككى دانە چاڭدان ئۆسىدۇ؛ ئانىلىق شارسىمان گۈلىنىڭ ئۇزۇن سېپى بولىدۇ، ئىككى ئاچىماقلىنىپ شاخلىنىدۇ؛ ئاچىماق چوققىسى تۈگۈن تەختى (چوڭ سپورىلىق يوپۇرماق) بولۇپ، ھەرقايسىسىدا بىردىن تىك ئۆسكەن تۆرەلمە تۈگۈنى بولىدۇ، بۇنىڭدىن بىرى يېتىلىپ پىشىدۇ. ئۇرۇقى ئۈچكىلىك مېۋىسىمان بولۇپ، سىرتقى ئۇرۇقى پوستى گۆشلىشىدۇ، پىشقاندا ئاچ سېرىق ياكى قىزغۇچ سېرىققا ئۆزگىرىدۇ، ئوتتۇرا ئۇرۇق پوستى قاتتىق بولىدۇ. كۈمۈش ئۆرۈك داڭلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكى بولۇپ تارىختىن بۇيان بۇتخانىلارنىڭ ھويلىلىرى ۋە سىرتىدا ئۆستۈرۈلۈپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۇرۇقى ئىستېمال قىلىنىدۇ ۋە دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ، ياغىچى ئويمىچىلىقتا، ئۆي جاھازلىرىنى ياساشتا ھەمدە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ قىممەتلىك ياغاچ ماتېرىيالى. ئۇ تۇپرىقى قېلىن، سۇ چىقىرىشى ياخشى ئورۇندا ئۆسىدۇ. جۇڭگو ۋە ياپونىيىدىن چىقىدۇ. ئۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە ئەڭ قەدىمكى تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىز ئۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك قىلىپ بېكىتتى.