Chinese→Uyghur主要词典
印缅分治
دۇنيا تارىخى
ھىندىستان بىلەن بىرمىنى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش
1885 - يىلى بىرما ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن ئەنگلىيىگە قارام ھىندىستاننىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىپ قويۇلغان. ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ بىرمىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، 1935 - يىلدىكى <ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى> غا بىنائەن، 1937 - يىل 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى بىرمىنى ھىندىستاندىن ئايرىپ چىقىپ، ئۇنى بىۋاستە قاراشلىق مۇستەملىكە قىلىۋالغان. تارىختا بۇ <ھىندىستان بىلەن بىرمىنى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش> دەپ ئاتالغان. بۆلۈپ ئىدارە قىلىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بىرما كۆرۈنۈشتە قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى قۇرغان بولسىمۇ، ئەمەلىي ھوقۇق يەنىلا ئەنگلىيە باش ۋالىيسىنىڭ قولىدا بولغان. بىرما خەلقى بۇنىڭغا ئۈزلۈكسىز قارشى تۇرۇپ، 1938 - 1939 - يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دولقۇنىنى قوزغىغان.